خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سەھىرى يىتىپ كېلىشى بىلەن تيەنئەنمىن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەسىتىقلىشى بىلەن 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ۋە ھۆرمەت توپى ئېتىش ۋەزىپىسىدىن تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتى ۋە ھەربىي ئوركىستىرنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى ئىجرا قىلىشى.
سائەت 7 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، بايراق چىقىرىش سېگنالى كۆك ئاسماندا ياڭراپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى رەسىمىي باشلاندى. سائەت 7دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەترەت دۆلەت بايرىقى خادىسى سۇپىسىغا كەلدى، بايراق چىقىرىش گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچ كىشى رەتلىك قەدەم تاشلاپ بايراق چىقىرىشقا تەييارلاندى، بايراقنى قوغدىغۇچىلار دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ سەپ بولۇپ تۇردى. 7 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركىستېرى «پىدائىيلار مارشى»نى چالدى. قىپ قىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى. دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ خادا ئۇچىدا توختىغاندىن كىيىن، نەق مەيداندىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى