باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو−جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.01.02 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يىپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە تەرەققىي قىلىشتەك زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەر تەرەپلىملىك ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر