باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتى ھەققىدىكى 5-نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.12.29 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 27- كۈنى،خەلق گېزىتى باش يېتەكچىلىك قىلغان، خەلق گېزىتى «خەلق تۇرمۇشى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان "جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتى ھەققىدىكى 5-نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنى" ۋە 11- نۆۋەتلىك خەلقئارا جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت مۇنبەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى .

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «گۈزەل تۇرمۇشنى بەرپا قىلىش» بولۇپ، ئۇنىڭدا، 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ھەمدە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقانلار «تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش»، «خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختلىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش»، «ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر