باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قازاقىستاندىن 21 تۇياق فەرغانە ئېتى كىرگۈزدى

2017.12.27 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، قازاقىستاندىن كىرگۈزۈلگەن 21 تۇياق فەرغانە ئېتى قاتتىق سوغۇقتا 50 نەچچە سائەتلىك سەپەر ئارقىلىق، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جېمىنەي پورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. يەنە 45 كۈن ئايرىپ كارانتىن قىلىشتىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم ئاتلار ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىدۇ.

  بۇ بىر تۈركۈم ئاتلارنى كىرگۈزگەن شىنجاڭ ياۋا ئات گۇرۇھى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم 10 تۇياق ئايغىر، سەككىز تۇياق بايتال ۋە ئۈچ تۇياق تاي كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئاتلارنىڭ سورتى ساپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك، ئەلا سۈپەتلىك ئاتلار بار، بۇ ئاتلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، كۆركەم ھەم گەۋدىلىك. فەرغانە ئاتلىرى جېمىنەي پورتىدىكى ئايرىپ بېقىش مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ساقلاۋاتقان خادىملار دەرھال ئۇلارغا يەم ۋە سۇ بەردى ھەمدە ئاتلارنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا يېپىنچا كىيگۈزۈپ قويدى.

  2009-يىلىدىن باشلاپ، ياۋا ئات گۇرۇھى باشقۇرۇۋاتقان شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى فەرغانە ئېتى بازىسى ئارقا-ئارقىدىن تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىن فەرغانە ئېتى كىرگۈزدى، نۆۋەتتە بازىدا جەمئىي 120 تۇياق فەرغانە ئېتى بار.

  بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان «جۇڭگونىڭ قازاقىستاندىن ئات ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋانلارنى ئىمپورت قىلىشتىكى كارانتىن قىلىش ۋە تازىلىق تەلىپى كېلىشىمنامىسى»نى ئىمزالىدى. بۇ، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان ئات ئۇرۇقدىشىدىكى ھايۋانلارنى كارانتىن قىلىش ۋە تازىلىق تەلىپى توغرىسىدىكى تۇنجى كېلىشىمنامە. بۇ قېتىمقىسى كېلىشىمنامە ئىمزالانغاندىن بۇيان، قازاقىستاندىن كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاتلارنىڭ جېمىنەي پورتى ئارقىلىق چېگرادىن رەسمىي كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى ھايۋانات كارانتىن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈركۈم ئاتلارنى كىرگۈزۈش شىنجاڭنىڭ ئات ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش ۋە شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر