خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، تۈركىيە ساقچى تەرەپ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانا ئۆلكىسىدە تۇتۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويماقتا.
تۈركىيە ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانا ئۆلكىسىدە يېڭى يىلدايۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى سۇيىقەستىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەغلۇپ قىلدى، ھەمدە ھەرىكەت جەريانىدا ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك 12 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى