باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.29 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش تەدبىرى، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى كېڭەيتىپ، ئاشكارىلاش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش پۈتۈن جەريانىنى ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جامائەت بايلىقىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەقسىماتى، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىلىكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار رايون، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆز رايونى، ئۆز كەسپىنىڭ جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشكارىلاش ئىشلىرى، مەزمۇنى، مۇددىتى، ئۇسۇلى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، نازارەتچىلىك يولى قاتارلىقلارنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش مۇندەرىجە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «كىم تەستىقلىسا، شۇ ئاشكارىلاش؛ كىم يولغا قويسا، شۇ ئاشكارىلاش؛ كىم تۈزسە، شۇ ئاشكارىلاش» پىرىنسىپى بويىچە، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئېنىق ئاشكارىلاش كېرەك. جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جامائەت بايلىقىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ناچار قىلمىش ئۇچۇرلىرىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈش ۋە ئاشكارىلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر