باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىق تۈرى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.12.22 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-دېكابىر تېلېگرامما يوللاپ جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىق تۈرى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تايلاند زۇڭلىسى بايو قۇرۇلۇش باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-تايلاندنىڭ ھەمكارلىق تۈرى ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇلىشىدىكى بايراق تۈرى بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش روھىنى نامايان قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، تايلاند ۋە شۇ رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تايلاند ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىق تۈرى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، 2-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولى ۋە جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى تىرىشىپ بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇشى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كۆپ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر