باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭلار يىغىنغا قاتناشتى

2017.12.21 15:17   مەنبە: خەلق تورى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەسەيتىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېتەكلەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2018-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ۋە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، باشقا ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7.1كە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلىپ، تەمىنات-تەلەپ تەڭپۇڭلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىساد تېخىمۇ جانلاندى ۋە كۈچەيدى. سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ. بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلدى. خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى شەكىللەندۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى، سالمىقى، نەتىجىسى مىسلىسىز بولۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…