باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجىنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىز ئىنتىزار بولغان ئىشلاردۇر

2017.12.21 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 11-ئايدا شەندۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇپ ياراتقان يىمېڭ روھى-بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشىمىزدا يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم رىغبەتلەندۈرۈش روھىغا ئىگە دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

  قىش پەيتىدە، مۇخبىرلار بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ھەم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدىگىلى ھەم كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى پۇقرالارنى ياد ئېتىپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، غەملىرى، ئىنتىزار بولغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغىلى كەلدى.

  يىنەن ناھىيەسىنىڭ چاڭشەنجۇاڭدا ئىمارەتلەر قاتار سېلىنغان بولۇپ، ناھايىتى رەتلىك ئىدى، سېمونت يوللار پاكىز، داغدام ئىدى. مۇخبىرلار بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا ئايال ساھىبخان ما جىنلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 53 ياشقا كىردىم، قىزىم ياتلىق بولغان، ئوغلۇم بېيجىڭدا ئىشلەيدۇ. مەن ھازىر ناھايىتى خۇشال ياشاۋاتىمەن، ئەمما ئىلگىرى بۇنىڭدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. يولدىشىم نەچچە يىل بۇرۇن ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدىم، لېكىن كۈنبويى ئېتىزدا ئىشلىسەممۇ تۈزۈك پۇل تاپالمىدىم، يەنە يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى تەسلىشىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدۇق. ھازىر كۈنىمىز ياخشى، خېلى كۆپ كىرىمىمىز بار، مەن بۇنى سىلەرگە ھېسابلاپ بېرەي. مەن كەنتتىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، يىلىغا 20 مىڭ يۈەنچە ئىش ھەققى ئالىمەن، ئۈچ مو يەرنى ئوبوروتقا چىقىرىۋەتتىم، ھەر يىلى ئۈچ مىڭ يۈەن ئىجارە ئالىمەن؛ يولدىشىم كەنتتىكى چوڭ ئەترەت بۆلۈمىدە يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىپ، ھەر يىلى 3600 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدۇ؛ ئۆزىمىزگە بىر مودىن ئارتۇق يەر قالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە يەر ياڭىقى، كۆممىقوناق، تاتلىق بەرەڭگە تېرىپ، تۆت مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نەق گەپنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ بۇنداق ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىز مەركەزنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 19-قۇرۇلتاي بەك ياخشى ئېچىلىپ، بىز دېھقانلارغا نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلەر چىقىرىلدى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزىغا بېرىپ دېھقان بولغانلىقى بىلىمەن، مەن يەنە دېھقانلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشىنىڭ ئاساس ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمەن. ھازىر باش شۇجى ھەر خىل ئاماللارنى ئويلاپ، بىزنى ياخشى كۈچ كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ياخشى باش شۇجىغا ئەگىشىپ ماڭساق، بىزنىڭ كۆڭلىمىز تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.

  چاڭشەنجۇاڭ-ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىستىھكام كەنتى، ئۇ «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل كەنت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. چاڭشەنجۇاڭ قىزىل كىنو-تېلېۋىزىيە بازىسى مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 44 ياشقا كىردىم، مەن خېلى بۇرۇنلا شەھەرگە كىرىپ، ئالدى بىلەن ئىشلەمچىلىك قىلدىم، كېيىن زاۋۇت قۇردۇم، شەھەرگە ماكانلاشتىم. ماڭا 1-شۇجى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. 2012-يىلىدىن تارتىپ، كەنتىمىزگە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ نۆۋەت 1-شۇجى كەلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ كادىرلىرى ئىدى، ئۇلار بىر-بىرلەپ كەنتنىڭ پىلان تۈزۈش، مەھەللە قۇرۇش، تۈر كىرگۈزۈش، كەسىپ يېتىشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەردى. 1-شۇجىلار قايتىدىغان چاغدا، نەزىرىنى ماڭا تىكتى. دادام 1940-يىلى پارتىيەگە كىرگەن، ئېڭى يۇقىرى ئىدى، ئۇ ماڭا «تەشكىل ساڭا ئىشەنگەن ئىكەن، سەن يۇرتداشلارنى باشلاپ ياخشى ئىشلە» دېدى. مەن 1-شۇجىلارنىڭ كەنتنىڭ ئىشلىرىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزۈمنى قاچۇرماي، سىناق باقاي دەپ جاۋاب بەردىم. مۇشۇ سىناق ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ خىزمەتكە مۇقىملىشىپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىشلەپ كەلدىم.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس، كەنت ئاھالىلىرى ياشانغان ياكى ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدۇ دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدىم، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ كۆڭلۈم بەكلا خاتىرجەم بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات نوپۇس ۋە نامرات جايلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش-پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى دېدى. مېنىڭچە، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتى-خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ تىزىملىكى. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ھەممە مەزمۇنى نەق بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىكى گەپلەر ئىكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىز ئىنتىزار بولغان ئىشلار، پۇقرالار بۇنى ئىنتايىن ھىمايە قىلىدۇ. ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا يېتەكلەۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىن كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر