باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى قۇسەين قوراللىق كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 11 كۈندە 136 كىشى قازا قىلدى

2017.12.21 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى قۇسەين قوراللىق كۈچلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 11 كۈندە 136 پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە 23 بالىمۇ بار.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خادىمى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى روبېرت كېرۋېر مۇنداق دېدى: بۇ ئاينىڭ بېشىدا، يەمەننىڭ ئالدىنقى زۇڭتۇڭى ئەلى ئابدۇللا سالىھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەندىكى قۇسەين قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنى زىيادە ئاشۇرۇۋەتتى، نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئىشقا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

  كېرۋېر يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئاينىڭ 6-چېسلادىن 16-چېسلاغىچە، يەمەننىڭ شىمالىدىكى تۆت ئۆلكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا جەمئىي 136 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 23ى بالىلار، ئۇنىڭدىن باشقا 87 ئادەم يارىلانغان. ھاۋا ھۇجۇمى نىشانى قۇسەين قوراللىق كۈچلىرى كونتروللىقىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، بىر توي مۇراسىمى نەق مەيدانى. قىزىل دېڭىز بويىدىكى شەھەر ھۇدەيداھتىكى بىر دوختۇرخانا ۋە بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر