باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئورنىتىلىدۇ

2017.12.21 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئورنىتىلىدىكەن، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىندى.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئىشلىتىلىدىغان رايونلاردا، ئاپتوموبىل ئىگىسى يېڭىدىن سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تەرتىپى ۋە تەلىپى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا نومۇر تاختىسى ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. يېڭى نومۇر تاختىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرغان، رويخەتنى يۆتكىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان نومۇر تاختىسى تارقىتىلىدۇ. نومۇر تاللاشتا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى كومپيۇتېردا ئىختىيارى نومۇر تاللىسا ياكى توردا ئۆزى نومۇر تۈزۈپ تاللىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى كومپيۇتېردا ئىختىيارى نومۇر تاللاشتا «50 نومۇر ئىچىدىن بىرنى تاللاش» قوللىنىلىدۇ. توردا نومۇر تاللاشتا، ئۆزى نومۇر تۈزۈپ تاللاش ياكى ئىختىيارى ھالدا «50 نومۇر ئىچىدىن بىرنى تاللاش» قوللىنىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر