باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2017.12.21 14:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋات ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەدبىر قوللىنىپ، «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنى ئاساس قىلغان ئەمگەكچىلەرنى ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا – ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر بۇ ناھىيەدە ئەسقاتىدىغان تېخىنىكا بىلەن تەربىيەلىنىپ تېخنىك ئىشچىغا ئايلانغانلار ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان بولدى.

  بەشئېرىق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى دۆڭقىشلاق كەنتىدىكى ئەلقەم ھاكىم 2014 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانىدى. ئۇ «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنى ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش يولغا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، ئىككى يىل كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا «لۇتەي» مول ھوسۇللۇق پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىدا ئىشلەپ، ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئالىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى ناھىيەمىزنىڭ «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى بولدى. مەن بۇنىڭ پايدىسىنى بىۋاسىتە كۆردۈم.

  ئاۋات ناھىيەسىدە 2011 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 1700دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لارنى ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. نۆۋەتتە، ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %95 ى ئىشقا ئورۇنلىشىپ «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن كۆرسەتمىنىڭ بۇ ناھىيەدە دەسلەپكى ئەمەلىيلىشىشى بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر