باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى يىل ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق پاراۋانلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بېكىتتى

2017.12.22 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھېيت-بايراملاردا بارلىق ئەزالارغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى تارقاتسا بولىدۇ. ھېيت-بايراملار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايراملار(يەنى: يېڭىلىق يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى) ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى كۆرسىتىدۇ. بايراملىق ھال-سوراش بۇيۇملىرى پىرىنسىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرام ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بويۇم ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە زۆرۈر بولغان تۇرمۇش بويۇمى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ قولاي، جانلىق ئۇسۇلدا تارقاتسا بولىدۇ.

  2. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ھال سورىغاندا تۇغۇلغان كۈن تورتى قاتارلىق ماددىي بويۇم تارقاتسا ياكى بەلگىلەنگەن تورت دۇكىنىنىڭ تورت بېلىتىنى تارقاتسا بولىدۇ.

  3. ئۇيۇشما ئەزالىرى توي قىلغاندا، پەرزەنتلىك بولغاندا بەلگىلىك سوممىدىكى ھال سوراش بويۇمى بەرسە بولىدۇ. ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا، ئۇيۇشما ئەزاسى ياكى ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى قازا قىلغاندا بەلگىلىك سوممىدا ھال سوراش پۇلى بەرسە بولىدۇ.

  4. پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بەلگىلىك سوممىدا خاتىرە بويۇمى بەرسە بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجىتىنى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپات پۇلى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدە غەلىبە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش چىقىمى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش، دەم ئېلىش تولۇقلىمىسى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەبلەغ ۋە ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق چىقىملارغا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالارنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئىشلىتىپ ئەزالارنى كىنو كۆرۈش، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا تەشكىللىسە، ئەتىيازلىق، كۈزلۈك ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەزالارغا شۇ جايدىكى باغچىنىڭ يىللىق بېلىتىنى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر