باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان قارار لايىھەسى توختىتىپ قويۇلدى

2017.12.21 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا 18-دېكابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىر ئىنكار قىلىش بېلىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان قارار لايىھەسىنى توختىتىپ قويدى. گەرچە نەتىجە ئويلىغاندەك بولسىمۇ، لېكىن ئەرەبلەرنىڭ غەزىپى بۇنىڭلىق بىلەن كۈچىيىشى، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشى كۈچىيىشى مۇمكىن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەل رايى ۋە پىكرى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىدىن ئىبارەت قوش بېسىم ئاستىدا، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ھالدا بىر قەدەر زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئامېرىكا تېخىمۇ يېتىم قالىدۇ.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى مىسىر تۈزگەن بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە 14 ئاۋاز قوشۇلدى، بىر ئاۋاز قارشى تۇردى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ئامېرىكا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن لايىھە ماقۇللانمىدى.

  مىسىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەبۇ ئاتا بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قارار لايىھەسى ئېروسالىمنىڭ كونا شەھەر ئالاھىدىلىكى ياكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ نەتىجىسىز، ئۈنۈمسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. قارار لايىھەسىدە يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېرۇسالېمغا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتمەسلىكى مۇراجىئەت قىلىندى.

  تىرامپ 6-دېكابىر يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تېلئاۋىفتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالېمغا كۆچۈرۈش مۇساپىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەت 13-دېكابىر شەرقىي يېرۇسالېم پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 17-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە شەرقىي يېرۇسالېمدا پەلەستىن دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا تەسىس قىلىدۇ.

  تىرامپنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش ۋەقەسى يەنە پەلەستىنلىك ئامما ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش پەيدا قىلدى. ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 6 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 3500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

  بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئاق ساراي 18-دېكابىر ئەسلىدە بۇ ھەپتىدە مىسىر ۋە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پىنسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى كېلەر يىلى 14-يانۋارغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئاق ساراي ئۇ ۋاشىنگتوندا باج - ھەق ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلماقچى دەپ باھانە كەلتۈردى.

  تىرامپ ئېروسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى. ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ يېتىم قالدى.

  ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ما شياۋلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېروسالىمنى ئورنى مەسىلىسىدە، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن خەلق ئاممىسى قاتلىمىنىڭ بېسىمى غايەت زور، ھۆكۈمەتنى پوزىتسىيەسىنى قاتتىق قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ھەمدە بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىش دەرىجىسىنى غايەت زور زەربىگە ئۇچرىتىدۇ.

  ما شياۋلىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى گەرچە تىرامپنىڭ يېڭى سىياسىتى تارىخىي ئابىدە دەپ ماختىغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ۋە يىراق نەزەر بىلەن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئادىل ھەل قىلىشقا پايدىسىز بۇ «چوڭ سوۋغا»، ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ ياخشى خەۋەر بولۇشى ناتايىن.

  گەرچە نۆۋەتتە پەلەستىن ئامېرىكىنىڭ رولىنى «چەتكە قېقىش» توغرىسىدا نۇرغۇن ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشىنى چەتكە قېقىش ناھايىتى تەس.

  ئېروسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش- خەلقئارا جەمئىيەت كەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان يول، ئامېرىكا يېقىندا پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى يەنىلا قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى غايەت زور توسالغۇغا دۇچ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش سەمىمىيىتى بولسا، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ پەيدا قىلماستىن، توسالغۇلارنى تۈگىتىشى كېرەك.

  پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 2000-يىلى شۇ چاغدىكى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى شارون ئېروسالىمدىكى ئاقسا مەسچىتىگە كىرگەنلىكى سەۋەبلىك نەچچە يىل قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى، يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان يېرۇسالېم مەسىلىسى ۋاقتىنچە قويۇپ قويۇلدى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە يەنە نازۇك تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى.

  ھازىر، كۆزەتكۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك بۇ نازۇك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇپ تاشلاندى سەپ قاراشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر