باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سامسۇڭ شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك DRAM ئۆزەكنى ئېلان قىلدى، ئۇنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارماقچى

2017.12.21 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى 20- چېسلا مۇنداق دېدى: دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك DRAM ئۆزەك تەتقىق قىلىندى، ئۇنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارماقچى.

  بۇ ئۆزەك 2- ئەۋلاد 10 نانومېتىر دەرىجىلىك سەككىز كىلومېگا بايتلىق DDR4DRAMدۇر. بۇلتۇر 2- ئايدا، سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى 1- ئەۋلاد 10 نانومېتىر دەرىجىلىك DRAM ئۆزەكنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.سامسۇڭ شىركىتى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككىنچى ئەۋلاد 10 نانومېتىر دەرىجىلىك DRAM مەھسۇلاتى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك بولۇش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى توك تېجەشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلترا كىچىك تىپتىكى توك يولى لايىھەلەشتەك ئەڭ يېڭى ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى قوللىنىلغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ سۈرئىتى بىرىنچى ئەۋلاد 10 نانومېتىر دەرىجىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈرئىتىدىن %10 ئاشتى، توك سەرپىياتى % 15 تېجەلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %30 ئۆستۈرۈلدى. مەزكۇر DRAM دىنامىكىلىق ئىختىيارىي ساقلىغۇچ ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سىستېما ئىچكى ساقلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر