باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىنتېرنېت قوشۇلمىسىغا تايىنىپ ئەقىل پاراسەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.12.21 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشانغانلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈك ياكى قول سائىتى تاقىۋالسا، شۇ ۋاقىتتىكى ئورۇننى بەلگىلەش، جىددىي چاقىرىش، ساقچىغا ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىش، ساغلاملىق سىگنالى قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. ياشانغانلار، مېيىپلار ۋە بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا تېلېفون بېرىش ھاجەتسىز، پەقەت كۇنۇپكىنى باسسىلا داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش، ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، رېمونت قىلىش، تازىلىق قىلىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  شىنجاڭ ئەقىل پاراسەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سەھنىسى يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سەھنە دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، رايون ، كوچا، مەھەللىلەردىن ئىبارەت كۆپ دەرىجىلىك ئورۇنلار بىرلەشمە ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرى بولۇپمۇ ياشانغانلار، مېيىپلار ۋە قىسمەن ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇلازىمەت سەھنىسى شىنجاڭ ئەقىل پاراسەتلىك ساغلام ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ئائىلە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنى ئالدى بىلەن قۇردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ تۈردە ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ، شەھەر ۋە مەھەللىدە 15 مىنۇتلۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانلىنىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر