باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى سودا مۇناسىۋىتى رەسمىي مۇھاكىمە قىلىندى

2017.12.21 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش گۇرۇپپىسى كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 18-دېكابىردىن باشلاپ يىغىن ئېچىپ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى سودا مۇناسىۋىتىنى رەسمىي مۇھاكىمە قىلدى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىشىنى «ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش» ئۆتكۈزۈلۈپ 18 ئايدىن بۇيان، ئەنگلىيە كابىنېتنىڭ بۇ قارالمىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇزاكىرە قىلىشى. ئەمما، ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق گېزىتلەرنىڭ 19-دېكابىردىكى باش سىتونىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش سۆھبەت ئەمەلدارى مايكول بانېر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش تەلىپىگە نىسبەتەن قاتتىق سۆھبەت مەيدانىنى بىلدۈرگەن.

  باش ۋەزىر تېرىسا ماي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، ھەم ئىچكى كابىنېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلىرى بىلەن ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىمەن.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، ۋەزىرلەر ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك ئىختىلاپ كۆرۈلدى، ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى فىلىپ خاممون بىلەن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ئامبل  راد مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سودا قائىدىسىدە بىردەك بولۇشى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەككە بازىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ چوڭقۇر كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن مۇھىت مىنىستىرى مايكول  گوۋ  ئوخشىمىغان تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە مۇشۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ ۋە باشقا دۆلەتلەر سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالايدۇ؛ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «بىر خىل ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئەركىن ئىش كۆرۈشى كېرەك، بولمىسا ئەنگلىيە ئەسلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتتىن بېقىندى دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى باش سۆھبەت ئەمەلدارى بانېر ئەنگلىيەنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ قاتتىق بولغان سۆھبەت مەيدانىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 1-، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەتچىلىكى كەسىپىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مەسىلە چىقىرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ياۋروپادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بېكىتكەن ھەرقانداق يېڭى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك؛ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنى ھەرقانداق ئەزا دۆلەتتىن ھەرقانداق پايدا ئېلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ؛ 3-، ئۇ ئەنگلىيە بىلەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى توغرىسىدا ھەرقانداق ئالاھىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقاردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان ھامان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئىجازەتنامىسىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيەگە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئېچىۋېتىش سودا كېلىشىمى مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئەنگلىيە ئۆزى تاللىغان ئېنىق چېگرا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەككە بازىرىدىن ئايرىلىدۇ، بۇ ئەنگلىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى پاسپورتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بانېرنىڭ سۆزىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن سودا ھەققىدىكى سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ گېپى پەقەت سۆھبەت مەيدانى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنداق قاتتىق تەلەپنى ئىجرا قىلسا، بۇ ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئەركىن سودىغا ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئەڭ ئاخىرقى ھالىتى- ئىزچىل تۈردە تېرىسا ماي بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قانچە كابىنېت ئەزاسى زىددىيىتىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ھازىر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىشىنىڭ ئاۋازغا قويۇلغىنىغا 18 ئاي بولدى، تېرىسا ماي ئۆزى تۇرۇشلۇق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋە پارلامېنتنىڭ بەك ئېغىر بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  ھازىر ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالىتى جەھەتتە مۇنداق ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈش مەۋجۇت: بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان چەك - چېگرانى ئۈزۈل- كېسىل ئېنىق ئايرىش، ئۇلارنىڭ قائىدىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش، بۇنداق قىلغاندا سودا قورغىنىغا دۇچ كېلىدۇ. يەنە بىرى، ئەنگلىيەنىڭ چوڭ سودا شېرىكى − ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىش ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يول قويۇشنى خالاش.

  ئەنگلىيە تاكى ئەنگلىيە مۇۋاپىق بولدى دەپ ھېس قىلغانغا قەدەر بارا-بارا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلماقچى. گەرچە نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل تەدبىرگە بولغان كۆز قارىشى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن بىر خىل غايەت زور خەۋپ مەۋجۇت. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ خىل «گىلاسنى تاللاپ ئۈزۈش ئۇسۇلى»نى رەت قىلىشى مۇمكىن.

  ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى قوشۇلمىسا، ئۇنداقتا ئەنگلىيە كابىنېتىدا قايتىدىن جىددىي ۋەزىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. تېرىسا ماي ئىلگىرى ئېنىق مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كۆچمەنلەنى ئالدىغا كونترول قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى تەسىرىدىن قۇتۇلۇش» ئەنگلىيەنىڭ تۆۋەن چېكى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر ئەنگلىيە يەنە بۇ يەككە بازارغا كىرمەكچى بولسا، چوقۇم بۇ جەھەتتە يول قويۇشى كېرەك.

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا ماي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش يولىدا بارغانچە جاپالىق ئىلگىرىلىمەكتە، ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارغا تەڭ تاقابىل تۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر