خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن گامبىيە زۇڭتۇڭى باروۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-گامبىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئورتاق سىزىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 3-ئايدا جۇڭگو بىلەن گامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئەمەلىيەت گامبىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىنى چىقىرىشىنىڭ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالاقىلىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى