باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت تۈپ تەلەپنى پۇختا ئىگىلەيلى

2017.12.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان تۇنجى مەملىكەتلىك يىغىن، يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ بىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. كېلەر يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل، ئىقتىساد خىزمىتى يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، يېڭى نىشانغا مەركەزلىشىپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىردى. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى نامايان قىلىشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ماس بولۇشنى ئىچكى ھاياتىي كۈچكە ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرۇش، يېشىل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، ئوچۇق بولۇشنى مۇقەررەر يولغا ئايلاندۇرۇش، ھەمبەھرە بولۇشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشقا قاراپ راۋاجلانغانلىق. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىن ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇش؛ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاساسىي يولنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل-مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش؛ تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكتى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ سالمىقى بار ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئورنىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر