سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا تارتىلغان ب د ت جىددىي يىغىنى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت يىغىنى 21-دېكابىر مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، يېرۇسالىمنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەرقانداق قارار ۋە ھەرىكەت كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ بېكىتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇ كۈنى پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىن ئېچىپ، يېرۇسالىمنىڭ ئورنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، 128 ئاۋازنىڭ قوللىشى، توققۇز ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 35 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قاراردا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق يىرۇسالىمنىڭ ئورنىنى قارار قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكىدىن باشقا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا تۆت دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 128 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەردى، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت قارشى بېلەت تاشلىدى.
قارارغا ئاساسەن، يېرۇسالىم كونا شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق قارار ۋە ھەرىكەت قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن بىكار قىلىنىدۇ. قاراردا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېرۇسالىمغا دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتمەسلىكى دەۋەت قىلىندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېرۇسالىمغا ئالاقىدار قارارلىرىغا رىئايە قىلىپ، يۇقىرىقى قارارغا خىلاپ ھەرقانداق ھەرىكەت ياكى تەدبىرلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقى تەلەپ قىلىندى.
ب د ت يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلار قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت كۈچى بار. جامائەت پىكىرلىرىنىڭ قارىشىچە، زور كۆپ سانلىق قوللاش بېلىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي تەسىر كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى