خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، يۈندۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخى ئەمدىلا بازارغا سالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى. (20- دېكابىر تارتىلغان)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. نەتىجىدە، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن نۆۋەتتە 8ى بار بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 150مىڭلىق دەرىجىگە يەتتى. فۇجيەن ئۆلكىسى ئۆزىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 300مىڭدىن ئاشۇرماقچى. بۇنىڭ بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 180 مىليارد يۈەندىن ئاشقۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى