باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2017.12.21 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 19- چېسلا ئۆزئارا نوتا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە «جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارا دىپلوماتىيە پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋېيزىسىنى ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»گە قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارنى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگودىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملارنىڭ ۋىزىسىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى، بۇ، بۇ قېتىمقى تۈزىتىشتىن كېيىن، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىنى كەچۈرۈم قىلىنىش تەمىناتىنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نى جيەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇل ئىشلىرى ياردەمچى مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەد بىلەن بىرلىكتە نوتا ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ تۈزىتىش 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شۇندىن ئېتىبارەن جۇڭگو بىلەن ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ۋىزىنى ئۆزئارا كەچۈرۈپ قىلىشقان 11- دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر