باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ قىسىم شەھەرلەرنىڭ پوجاڭزا ئېتىش سىياسىتى چىڭىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سىز تۇرۇشلۇق شەھەر بارمۇ؟

2017.12.21 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ھازىر مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم شەھەرلەر پوجاڭزا ئېتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە بەس-بەستە تۈزىتىش كىرگۈزدى، مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلەش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىشقا ئۆستۈرۈلدى، پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش رايون دائىرىسى تەدرىجى كېڭەيتىلىپ، جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسى مۇناسىپ ئۆستۈرۈلدى.

  1993-يىلى «سەككىز رايون» دا پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىشتىن 2005-يىلى بەش ھالقا ئىچىدە پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىشقىچە، ھازىر بېيجىڭنىڭ پوجاڭزا ئېتىش سىياسىتى قايتىدىن چىڭىتىلدى. تۈزىتىلگەن «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پوجاڭزا ئېتىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 1-دېكابىر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. 2018-يىلى چاغاندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بەش ھالقا ئىچىدىكى رايونلاردا پوجاڭزا ئېتىش ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىندى، بەش ھالقا سىرتىدىكى رايونلاردا ھەرقايسى رايون خەلق ھۆكۈمەتلىرى پوجاڭزا ئېتىش مەنئىي قىلىنىدىغان ياكى چەكلىنىدىغان رايونلارنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كونا بەلگىلىمىدىكى «بەش ھالقا سىرتىدىكى رايونلاردا يىل بويى پوجاڭزا ئېتىشقا يول قويۇش» مۇ تارىخقا ئايلىنىدۇ، يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پوجاڭزا ئېتىش مەنئىي قىلىنغان رايونلاردا دېھقانلار كالىندارى بويىچە چاغاننىڭ ھارپا كېچىسىدىن باشلاپ چاغاننىڭ 1-،2-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 7 دىن 24 كىچە، پوجاڭزا ئېتىشقا بولىدۇ، باشقا ۋاقىتتا پوجاڭزا ئېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  2018-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، تيەنجىن شەھىرىنىڭ تاشقى ئايلانما لىنىيەسى ئىچىدىكى رايونلاردا ۋاقىت، ئورۇن ئايرىماي، پوجاڭزا ئېتىش بىردەك مەنئىي قىلىندى. 2018-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، جىنەن شەھىرىدە، شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئايلانما لىنىيە رايونى ئىچىدە پوجاڭزا ئېتىش رەسمىي مەنئىي قىلىندى.

  2018-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، خېفېي شەھىرىدە، شەھەر رايونى يەنى خېفېي چاۋخۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز چوڭ رايوندا، پوجاڭزا ئېتىش مەنىي قىلىنىش پوجاڭزا ئېتىش ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىنىشقا ئۆزگەرتىلىپ، پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلەش پوجاڭزا ئېتىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنىي قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى.

  2018-يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ، ياڭجۇ شەھەر رايونى ئىچىدە، پوجاڭزا ئېتىش يىل بويى مەنئىي قىلىندى.

  2017-يىل 1-دېكابىردىن باشلاپ، باۋدىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونى ئىچىدە پوجاڭزا ئېتىش يىل بويى (چاغان مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پوجاڭزا ئېتىش مەنئىي قىلىندى، كۈچكە ئىگە ۋاقتى بەش يىل.

  2017-يىل 1-دېكابىردىن باشلاپ، كومسومول شەھىرى شەھەر رايونىدا پوجاڭزا ئېتىش ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىندى، بىر يىلدا قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 15-يانۋارغىچە پوجاڭزا ئېتىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  16-نويابىر، ساڭجو شەھىرىدە «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىلىپ، شەھەر رايونىدا پوجاڭزا سېتىش، ئېتىشنى مەنئىي قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر