باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 24 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 210 مىليون يۈەنگە يەتتى

2017.12.21 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ «جىنتەيخې» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، 43 ياشلىق سېخ ئىشچىسى ۋاڭ لەنيىڭ راۋان مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا ئىدى. ۋاڭ لەنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىشلىسەم ھەر ئايدا 3400 يۈەن مائاش ئالالايدىكەنمەن، مەن بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلىمەكچى.جىڭ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى، باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ دېھقانچىلىق 16-مەيدانىغا خىزمەتكە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز كارخانىلار، سودىگەرلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقتۇق، شۇ ئارقىلىق ئىش ئىزدىگۈچىلەرگە خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا كەسىپ تاللاش پۇرسىتى ياراتتۇق، شۇ ئارقىلىق يېزىدىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، جىڭ ناھىيەسىدە يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇقراقى بولۇپ، بۇ يىلدىن بېرى جىڭ ناھىيەسى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، ئاۋام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلغان. ھازىرغا قەدەر، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 24 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتى ئارقىلىق ياراتقان كىرىمى 210 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر