باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى 13 مىليون نوپۇسسىز كىشىنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.12.21 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى تازىلاپ، تارماقلار ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلغان. كەڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ، نوپۇس رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، تارىختىن قېپقالغان 13 مىليون نوپۇسسىز كىشىنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى نۇقتىلىق كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، «يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى»نىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىپ، نوپۇسقا ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن. يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تىزىملاپ باشقۇرۇشنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نوپۇس بېجىرىش ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇس بېجىرىشنى نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتتە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.

  ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئېلان قىلىنغان «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى»غا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى يولغا قويۇلدى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاسىتە قىلىنىپ، ئولتۇراقلىشىش يىل چەكلىمىسى قاتارلىق شەرتلەرگە چېتىشلىق بولغان شەھەر-بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق شەھەر-بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ دائىملىق نوپۇسنى تولۇق قاپلىشى تېزلىتىلدى. 2016-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 50 مىليوندىن ئارتۇق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تارقىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر