باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نىڭ باجنى كېمەيتىش، بېسىمنى يەڭگىللىتىش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى

3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

2017.12.21 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش، پۇل مۇئامىلە، ئۆي-زېمىن ۋە مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق «تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەن» تۆت چوڭ ساھەدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سانى 48 مىڭ 100گە يېتىپ، 2016-يىلىدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 18 مىڭى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %60.54 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە باجنى كېمەيتىپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەسىپ زەنجىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ كەسىپيلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار ئىگىلىكى ھاياتىي كۈچى ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر