باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.12.22 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىنى 21-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ كەم بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركەز دۆلەت ئورگىنى ۋە يەرلىك ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر