باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىسى جەنۇبىي ئافرىقىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەمدۇ-يوق؟

2017.12.21 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 18-دېكابىر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سىرىل رامافوسا بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، ھازىرقى رەئىس زۇمانىڭ ئورنىنى ئالدى.

  تەھلىلچىلەر 1994-يىلى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى جەنۇبىي ئافرىقىدا ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي كىرىزىس بۇ پارتىيەنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى دەپ كۆرسەتتى. كىشىلەر رامافوسانىڭ ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنى يېتەكلەپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  رامافوسا بۇ يىل 65 ياش، ئۇ جوھاننىسبۇرگنىڭ ئەتراپىدىكى سۇۋىتو بازىرىدا چوڭ بولغان، ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقچىلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان، مۇشۇ سەۋەبتىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان.

  رامافوسا 1981-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كېڭىشىدە قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان، ئىككىنچى يىلى مەملىكەتلىك كان ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان. ئۇ 1991-يىلى ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش سۆھبىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، يەنە جەنۇبىي ئافرىقا ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ 2012-يىلى 12-ئايدا، ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. 2014-يىلى 5-ئايدا، ئۇ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان.

  رامافوسا ھەم بىر نوپۇزلۇق سىياسىيون ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سودا ساھەسى ئۇنى قىزغىن ئالقىشلىغان. ئۇنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھامان، جەنۇبىي ئافرىقا راندىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىباشلىنىش نىسبىتى %4 ئۆرلىدى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پارتىيە رەئىسى بولغان رامافوسا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىگە ۋاكالىتەن 2019-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرمىسە، ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش مۇمىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ.

  رامافوسا پارتىيە رەئىسلىك رىقابىتى مەزگىلىدە، چىرىكلىككە زەربە بېرىپ پاك ھۆكۈمەت قۇرۇش ھەم ئىقتىسادنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئىش ئورنى يارىتىش، مائارىپ ۋە يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشەببۇسلار جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سودا ساھەسى، تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ سايلىنىشى يەنە نۇرغۇن سودا ئەربابلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمىدىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  جەنۇبىي ئافرىقا تۇتۋا مەسلىھەت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پېتىر دىراپېر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىز رامافوسانىڭ ئىقتىساد ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، بازار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتىدىن ئىشەنچ ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

  گەرچە ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ ئىچىدىكى مۆتىدىللەرنىڭ قوللىشى ھەم بازارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېڭى رەئىسنىڭ ئالدىدىكى يول يەنىلا داغدام ئەمەس.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى جاپالىق بولدى، مۇتەخەسسىسلەر: بۇ يىل دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى 0.7 پىرسەنت بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. ھازىرقى زۇڭتۇڭ زۇمانىڭ ئىككى قېتىم تۇيۇقسىز كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئاپرېل ۋە نويابىردا خەلقئارا باھالاش ئورگىنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رامافۇسا ناۋادا زۇمانىڭ ئورنىغا چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، بۇندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان توسالغۇنى يېڭىشتىن ئىبارەت ئىككى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىسىنى سايلاش رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن بولدى. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، گەرچە رامافۇسا 4000دىن ئارتۇق بېلەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئاساسلىق رىقابەتچىسى ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇمانىڭ ئىلگىرىكى ئايالى دلامىنى زۇمانىڭكىدىن ئاران 179 بېلەتكە كۆپ ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى سايلامدا پارتىيە رەئىسىدىن باشقا يەنە جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى، باش شۇجىسى، مۇئاۋىن باش شۇجىسى ۋە باش غەزىنىچىسى سايلاپ چېقىلدى. بۇ بەشەيلەن رامافۇسا بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەشكىللەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۈچەيلەن دلامىنى زۇمانىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى.

  جەنۇبىي ئافرىقا سودا ئىنستىتۇتى دارۋىن تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسئۇلى كىتۋىنت مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشىدىن قارىغاندا كەلگۈسىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ بولۇشىدىن ساقلىنىش تەس.

  بىراق يەنە بەزىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولدى. جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ شەرقىي كاپې ئۆلكىسىدىكى رەئىسى مابۇيانې يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: بۇنداق «ئۈچتە ئۈچ» بولۇشتەك نەتىجە پارتىيە گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ بىر مەزگىل ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئەڭ ياخشى بىرلىككە كېلىش دېدى.

  جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاقتىكى ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي ئافرىقا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىدىن ئىبارەت يۈز يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان گۇرۇھلار كۈرىشى ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر