- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزدە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قويۇلدى
2017.12.21 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 20-دېكابىر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتى ئاساسىي ئۆلچىمى» بويىچە يېقىندا مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلغان ھەم بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورالغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەم يېقىندا تېز يولغا قويۇلىدىكەن.
دۆلەت ئۆلچىمى«كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتى ئاساسىي ئۆلچىمى» بۇ يىل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپ مىنىستىرلىق، كومىتېتلار تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ياشانغانلار ساناتورىيەسى مۇلازمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ يىل 8-ئايدا مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ 1-باسقۇچى بىر-بىرلەپ چوڭ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بايقالغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىگە ئالاقىدار بىر تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر