خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى، ھاياتىدا ئۆزىگە ئەڭ چوڭ ياردەم قىلغانلارنىڭ «بىرى ئىنقىلاب پېشۋالىرى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. دەل سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى قېلىن تۇپراق شى جىنپىڭنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى كەڭ قورساق، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە سەۋرچان يۈكسەك مەنزىلىنى يېتىلدۈرگەن. 15 ياشتا سېرىق توپىلىققا كەلگەندە، ئۇ ئىلگىرى گاڭگىرىغان؛ 22 يېشىدا سېرىق توپىلىقتىن ئايرىلغاندا، ئۇ مۇستەھكەم نىشانغا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە بولدى. يەتتە يىللىق يېزا تۇرمۇشى، يەتتە يىل جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش ئۇنى شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلارنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپلا يېزا، دېھقانلار ۋە ئايىغى ئاستىدىكى زېمىنغا بولغان تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتى ۋە تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت، خەلق ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان قەتئىي غايىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قوشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلىك قانات يايدۇرغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە، شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياڭجياخې ئىزىنى بويلاپ تۇغقانلىشىپ، ئائىلىلەردە تۇردى، ئامما بىلەن تاماق-ياتاقتا بىللە بولدى، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگەندى، بىر چىنە ئىسسىق چاي، بىر ۋاق جەم بولۇش تامىقىدىن كۆڭۈلنى ئىللىتىدىغان بىر ئېغىز ئىللىق سۆز، ئۈزۈلمەس بىر مېھىرگىچە، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېكايىلەر توختىماي ئايان بولدى، ھەقىقىي مېھىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مىليونلىغان كۈيلەر يىغىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ بۈيۈك ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي مېھرى بىلەن بۇ دەۋرنى تەسىرلەندۈرەيلى، ئىستىلنى ياخشىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ دەۋرگە تۆھپە قوشايلى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختلىك بولۇش ھېسسىياتى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تولغان ناخشىلار ئارقىلىق بۇ دەۋرنى كۈيلەيلى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئىجاد قىلغان ھەمدە تارقاتقان «شىنجاڭلىقلارنىڭ ‹لياڭجياخې كەنتى›» ناملىق ناخشا مىڭ چاقىرىملىق تۇغقانلىشىش يولىدا ھەقىقىي مېھىرلىك كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى