باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.12.28 12:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى يىغىن ئېچىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدا ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: ئاساسىي قانۇندىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە ۋە تەتقىق قىلىش. يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2018-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش، ئۇنى ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قاتتىق قوغداپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر