باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئافغانىستان-پاكىستان ئۈچ تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى

2017.12.27 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافغانىستان-پاكىستان ئۈچ تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى 26- چېسلا بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رابانى ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف قاتارلىقلار مەزكۇر سۆھبەتكە قاتناشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان ۋە پاكىستان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئۈچ دۆلەت بولسا، تاغ-دەريالىرى تۇتاشقان، مەنپەئەتلىرى ئۆزئارا سىڭىشقان ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەردۇر. نۆۋەتتە، ئافغانىستان تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ سىياسىي يارىشىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، يولى يىراق. پاكىستان بولسا، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جەڭ مەزگىلىگە كىردى، شۇڭا ئۇلار ياخشى بولغان تاشقى مۇھىتقا موھتاج. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى مۇھىم بولغان ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارىماقتا. شۇڭا، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ ھەمدە رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. دەل مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو-ئافغانىستان-پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ھازىرقىدەك ھەمكارلىقى بارلىققا كەلدى. بۇ، ئۈچ تەرەپنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر