- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
12- نۆۋەتلىك29- نومۇرلۇق
2017.12.28 11:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چېن شياڭئېننىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جايلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، چېن شياڭئېننىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى.
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاڭ ياڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بولغاچقا، جاڭ ياڭنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى تەبىئىي ھالدا توختىدى.
نۆۋەتتە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر بار ۋەكىلى 2898 ئادەمدىن تەركىب تاپماقتا.
بۇنى ئېلان قىلدۇق.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2017- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر