باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خان جەمەتى ئەزالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقتىن، بەھرەيندە ئالتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2017.12.26 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەھرەيىن ئالىي ھەربىي سوتى 25- دېكابىر ئالتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى، بۇ ئالتە كىشى تېررورلۇق شايكىسى قۇرغان ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، دەپ ئەيىبلەندى.

  سوتنىڭ ئەيىبلىنىشىچە، بۇ 18 كىشىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇھ خان جەمەتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، يەتتە كىشى يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بەش ئادەم گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىندى. بۇ شايكىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى شىئە مەزھىپىدىن.

  2011-يىلى، بەھرەيندە نوپۇس نىسبىتى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان شىئە مەزھىپىدىكى ئامما سۈننىي مەزھىپىدىكى خان جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نارازىلىق دولقۇنى قوزغىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئەسكەر چىقارغاندىن كېيىن، بەھرەين ۋەزىيىتى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى، لېكىن شىئە مەزھىپىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى توختاپ قالمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر