باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.12.26 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، دېھقان-چارۋىچىلارغا بەخت-ئامەت ياغدى، ئاساسىي قاتلامدا ئەل قەلبى پارتىيەگە مايىل قىلىندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يۈكسەكلىدە تۇرۇپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولىنى ھەم ياخشى ياساپ، ھەم ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئاسراپ، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، جايلارنىڭ تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، سىياسەت ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا تاشيولىنى ياساش، باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە تىرانسپورت تىجارىتى قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەملىكەتلىك قاتناش-تىرانسپورت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھەم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش، زور ئىلھام، ھەم سەمىمىي ئۈمىد، زور ھەيدەكچىلىك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر