باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبول ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تارماق ئىنىستىتۇتى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

2017.12.27 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبول ئىنستىتۇتى شىنجاڭ تارماق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 25-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن كان»نى ئورتاق قازىدىغان بولدى.

  شىنجاڭ تارماق ئىنستىتۇتى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا تەسىس قىلىنىدۇ، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوقۇغۇچىلارنى تاللىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي ئىنستىتۇتى ۋە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەربىيەلەيدۇ، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش تارىخىنى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارقىتىدۇ.

  بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋ ۋېيدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو پۇتبول ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تارماق ئىنستىتۇتى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىدىيەسى، ئەندىزىسى ۋە مەشىق ۋاسىتىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىپ، بىر يېڭى دەۋر جۇڭگوچە پۇتبول تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى پۇتبول مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو پۇتبول ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تارماق ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان چوڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پۇتبول تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېز بولدى، ئېرپان ھېزىمجان، فېرات ئىمىنجان قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقتى. بۇ يىلقى تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ U18 ۋە U20دىن ئىبارەت ھەر ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە U18 كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر