باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئوت ئاپىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى بولۇپ قالدى

ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى كېلەر يىلغىچە داۋاملىشىدىكەن

2017.12.25 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئومۇمىيلاشتۇرۇپ قارىغاندا، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ توماس تېغىدىكى ئوت ئاپىتى مانا ئەمدى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دالا يانغىنى بولۇپ قالدى. ھازىر يامراپ كۆيۈۋاتقان ئوتلارنىڭ كۆلىمى 273.400 ئىنگلىز موسىغا (تەخمىنەن 1106 كىۋادرات كىلومېتىرغا) يېتىدۇ. كالىفورنىيە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى دالا يانغىنى 2003- يىلقى سانتىياگو ئەتراپىدىكى كېدىر دالا يانغىنىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ يىلقى دالا يانغىنىنىڭ يامىراش كۆلىمى 273.246 ئىنگلىز موسىغا يەتكەن.

  توماستىكى ئوت ئاپىتى 12- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلانغان. بۇ ئوت ئاپىتى ۋېنتۇرا ناھىيەسى ۋە سانتا باربارا ناھىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى. كالىفورنىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەمئىي 1063 ئىمارەت كۆيۈپ كەتتى. 22- چېسلا كەچكىچە، ئوتنىڭ كونترول قىلىنىشى پەقەت %65 بولغان. ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋېنتۇرا ناھىيەسى ۋە سانتا باربارا ناھىيەسىدە ئوت بىلەن ئېلىشقىلى ئۈچ ھەپتە بولغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

  نۆۋەتتە، 2800 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولماقتا. بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى تۈپەيلى نەچچە مىڭ ئادەم يۇرت- ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر