باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2017.12.27 15:52   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاساسىي تېما قىلىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندىن ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆزلەش ماتېرىيالى تەييارلىدى. يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ، تەلەپ بويىچە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چوڭقۇر تونۇش، سەمىمىي تەسىراتلىرىنى، كەسكىن ھەم ئاشكارا مەسىلە ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى، جەلپكارلىقى كۈچەيتىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە مۇنداق تۆت مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ھەم نامايان قىلىندى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاش، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئەھۋالى، پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق، ساپ دىل بولۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىنى تەكىتلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش، يىغىن، پائالىيەت، ھۆججەت ۋە قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، تىرىشچان، ئىقتىسادچان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىيازغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىمتىيازلىق بولۇۋالماسلىق؛ تۆتىنچى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، ئۆزى مەسئۇل خىزمەتنى ئاڭلىق ھالدا چىڭ ھەم پۇختا تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…