باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.26 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ ھەم پارتىيەمىزنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر ھاسىل قىلىش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي پىرىنسىپقا ئىگە قىلدى، بۇ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش يولىغا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىنى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا «نىزام»نىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار ئىنستىتۇتى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى «نىزام»نى تەربىيەلەش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، «مىخ قېقىش روھى» بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبىرى مەسئۇل بولىدىغان، بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا) باشلامچى بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار قاتنىشىدىغان بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمەت ئاپپاراتى ۋە خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر