باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇدا تۇنجى «ئۈندىدار كىملىك»ى تارقىتىلدى

2017.12.26 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇدا بىرىنچى پارچە «ئۈندىدار كىملىكىنى توردا ئىشلىتىش ئىسپاتى» 25- دېكابىر گۇاڭجۇ شەھىرىدە تارقىتىلىپ، توردىكى ۋە ئەنئەنىۋى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ھەمدە مېھمانخانىلاردا تىزىملىتىش، ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق راست نام تۈزۈمى ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلاردا، دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامە دەرىجىلىك سالاھىيىتىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كىملىكنىڭ «تور گۇۋاھنامىسى»نى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 1-تەتقىقات ئورنى دۆلەتنىڭ چوڭ-زور تۈر كاپالىتى ئاستىدا يولغا قويغان، ئەمەلىي كىملىك ئۆزەك بىردىنبىر ماسلىق ئېلېكترون ئەكس ئەتتۈرۈش ھۆججىتى بولۇپ، دۆلەت «ئالاقە تورى + ئىشەنچلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش سۇپىسى» ئارقىلىق تارقاتقان. توردىكى كىملىكنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەس بولۇش، ئاسان يالغاندىن ياسىۋېلىش» قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، نەنشا ئىشەنچلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تېڭشۈن ئۈندىدار ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن بۇ تېخنىكىنى گۇاڭدۇڭدا نۇقتىدا سىناق يولغا قويدى، كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا كېڭەيتىلىش مۆلچەرلەندى.

  نەنشا ئىشەنچلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى نەنشا رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەركىزى بىلەن بىرلىكتە، كىملىك ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەمەلىي قوللىنىشىنى يولغا قويۇپ، «مىكرو ساقچى ئىسپات بېرىش» ئادەم يۈزىنى پەرق ئىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، سۈنئىي ئىقتىدار سىستېمىسىدا ئابونتلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، سۈرىتى، سالاھىيەت كىملىكىنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە بىردەكلىكىنى ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ، كىملىكنىڭ «تور گۇۋاھنامىسى»نى ئاچتى.

  شەھەر ئاھالىلىرى «تور كىنىشكىسى»نى ئالغاندىن كېيىن، توردا يەنە بىر قېتىم توردىكى ۋە ئەمەلىيەتتىكى كەسىپلەرنى بېجىرگەندە، «تور كىنىشكىسى + يۈزنى سىكاننىرلاش» ئەندىزىسى ئارقىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىسپات بېرىشنى تاماملىيالايدۇ، ئەمەلىي كىملىكنى ئېلىپ يۈرمىسىمۇ ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر