باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا

2018- يىلى 4000 ئادەم تۇنجى بولۇپ ئەۋەتىلدۇ

2017.12.26 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى باش بولۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، «10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە»دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ھەر يىلى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقى، مۇشۇ ئارقىلىق، ئاشۇ جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغانلىقى پىلانلانغان. مەزكۇر پىلان بويىچە، 2018- يىلى شىزاڭ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەنگە تۇنجى تۈركۈمدە 4000 ئوقۇتقۇچى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىكەن، ھەمدە ھەر بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭدا تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋاقتى ئادەتتە بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىشتىكى پىرىنسىپ جەھەتتە، شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر ئاساس قىلىنىدىكەن، ھەمدە مائارىپ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاللاپ ئەۋەتىلىدىكەن، تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قوشۇمچە تاللىنىدىكەن؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ قوشۇمچە تاللىنىدىكەن.

  مەزكۇر لايىھەنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئەۋەتىشتىن مەقسەت ئاساسلىقى پەن ئوقۇتۇش ۋە سىنىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە ئادەم تەربىيەلەش باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئەۋەتىلىدىغان ئۇ مائارىپ باشقۇرۇش خادىملىرى ئاساسلىقى مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، شۇ ئارقىلىق، ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ياردەم بېرىدىغان مەكتەپتىن يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ دائىرىسىدە مەخسۇس بىلىم ئاشۇرۇش ۋە ئىش ئورنىدا تۇرۇپ ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر