باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەنىڭ چېچون شەھەرلىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 29قا يەتتى

2017.12.22 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورېيەنىڭ چېچون شەھىرىدە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئوت ئۆچۈرۈمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 21-ئۆكتەبىر كەچتە مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كورېيەنىڭ چۇڭچوڭ بۇكدو چېچون شەھىرىدىكى بىر تەنھەرىكەت مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 29 ئادەم قازا قىلدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.

  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئوت كونترول قىلىنغان، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يەنىلا بۇ ئىمارەتنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ، ئادەملەرنى قۇتقۇزماقتا ئىكەن. 29 قازا قىلغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 20 كىشى ئىككىنچى قەۋەتتىكى مۇنچىدا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 26 يارىدار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ بىر قەۋىتىگە ئوت كەتكەندىن كېيىن، كارىدور ئارقىلىق تېزلا پۈتۈن بىناغا يامراپ كەتكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ پەقەت بىرلا كىرىش-چىقىش ئېغىزى بار بولۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشىنىڭ قىيىن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارغا ئوت كەتكەندىن كېيىن زور مىقداردا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تالاپەت ئېغىر بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن.

  ئىزدەش خىزمىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا يارىلانغان، ئۆلگەنلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر