باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۆيلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2017.12.25 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئورگان ئىش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى ئورۇنلارغا قارىتا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» دېگەندەك چارە-تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىش بېجىرىش ئۆيلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇشتىكى ھەرقايسى ساھە ۋە ھالقىلارغا سىڭدۈرۈش، ئىش بېجىرىش ئۆيلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش تەقسىملەشنى يولغا قويۇش كېرەك، ھەمدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنىڭ بىر تۇتاش ئىشتات، بىر تۇتاش ئۆلچەم، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خىراجىتى، ئۈسكۈنىلەرنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئورگان ھەرىكىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىگە كاپالەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە، جايلار ۋە تارماقلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2018- يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ چىقىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ،ئۇلارغا ئالاقىدار كونكرېت سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر