خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭ 2017 ـ يىللىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭ 2017 ـ يىللىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017- يىلى جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋاسكىتبول تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ماركا كۆلىمى پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ خاتىرە سارىيىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كەلگۈسىدىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، دۆلەت كوماندىسى قۇرۇلۇشى، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە ئىسلاھاتى ۋە ۋاسكېتبول مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى