باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئون مىنۇت ھەرىكەت قىلىشمۇ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەن

2017.12.25 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادانىڭ غەربىي قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە،10 مىنۇت ھەرىكەت قىلسىمۇ، چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولىدىكەن، يەنى ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار سىناق قىلىپ، ماسلاشقۇچى پىدائىيلاردىن شۇلارنى تەلەپ قىلغان: يەنى، بەزىلەردىن 10 مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ ژۇرنال ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان، يەنە بەزىلەردىن بولسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ، ئوتتۇرىھال دەرىجىدىكى كۈچەش بىلەن ۋە ھەتتا ئېغىر دەرىجىدىكى كۈچەش بىلەن 10 مىنۇتتىن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ۋە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇ ماسلاشقۇچى پىدائىيلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ چىققان. نەتىجىدە، ھەرىكەتكە قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولغانلىقى، ئىنكاسى تېخىمۇ توغرا ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: قىسقا ۋاقىتلىق ھەرىكەتمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي چوققا تورىنى قوزغىتىدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلايدىكى بۇ رايونى ئىنساننىڭ بىلىش ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشى جەريانىدا ھالقىلىق تۈردىكى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىكەن.

  بۇ تەتقىقات دوكلاتى ئەنگلىيەنىڭ «نېرۋا پىسخولوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى بىر سانىدا بېسىلغان. ئامېرىكا تېببىي ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ 22- دېكابىردىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە، كىشىلەر دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ بەرسە ياكى تېز مېڭىپ بەرسە، ۋە ياكى بۇ خىل ھەرىكەت ھەتتا پەقەت بىرلا قېتىم بولسىمۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن شۇ ھامان پايدىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر