باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.22 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگو-چەت ئەل مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادىمىيەت ئالاقىسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىشلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ئۇلۇغۋار سەھىپىنى ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، يەر شارى مىقياسىدا ئادىمىيەت ئالاقىسى بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر