باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.22 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2018-يىلىغا بارغاندا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ساھەسى كەسپىدە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 2019-يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ساھەسى كەسپىدە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىش بىلەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تۇتاش پىلانلاپ جەملەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ساھەسىدە ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ماسلاشتۇرۇلغان، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، قەدىمى بىردەك بولغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ غەملەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى، يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى بويىچە ۋاقتىدا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ساھە ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى خامچوت تۈزۈش ھالقىسىدىن باشلاپ مەنبەدىن جەملەپ، مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى چوڭ مەخسۇس تۈر بېكىتىش ئاساسىدا «چوڭ مەخسۇس تۈر + ۋەزىپە تىزىملىكى» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغكە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ۋەزىپە تىزىملىكى بېكىتىشى؛ يەرلىككە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىكنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى تاماملىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ئوخشاش بىر چوڭ مەخسۇس ۋەزىپە ئىچىدە مەبلەغنى تەڭشەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. ساھەلەر ئارىسىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى ئاساسلىقى خامچوتنى ئىجرا قىلىش ھالقىسىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، پىلاننىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاراكتېرى ئوخشاش، ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى، ئەۋزەل رايون، نۇقتىلىق تۈر قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، «يولى تەرتىپلىك بولۇش، ئىشلىتىش ئورنى مۇقىم بولۇش، مەركەزلىك مەبلەغ سېلىش، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەر كىمنىڭ تۆھپىسىنى ئايرىم خاتىرىلەش، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك ئىقتىدار جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئىشلىتىلىش ئورنى جىپىسلاشقان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر