باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندا «يېڭى دەۋرىمىزدىكى قالتىسلار» ناملىق ئالتە قىسىملىق ئاممىباب نەزەرىيەۋى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى قويۇلدى

2017.12.25 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نەزەرىيەۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە، ئەمەلىي ئىللىققا تولغان» ئالتە قىسىملىق ئاممىباب نەزەرىيەۋى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «يېڭى دەۋرىمىزدىكى قالتىسلار» 12- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدا تۇنجى بولۇپ قويۇلدى، ھەمدە خەلق تورى ۋە شىنخۇا تورى قاتارلىق يۇغۇرۇلما تاراتقۇ سۇپىلىرىدىمۇ تەڭ قەدەمدە قويۇلدى.

  «يېڭى دەۋرىمىزدىكى قالتىسلار»ناملىق پروگراممىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ، «يېڭى دەۋرىمىز قانداق»، «يېڭى بۇرچىمىز نېمە»، «يېڭى ئىدىيەنىڭ يېڭىلىقى قەيەردە»، «يېڭى سەپەرگە قانداق ماڭىمىز»، «يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قانداق قىلىمىز»، «ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قانداق قۇرىمىز» دېگەن ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پروگرامما «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى»نى ئاساسىي تېما قىلغان، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ھالدا، نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ياش ئالىملار ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى تەسىراتلىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى، مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاماشىبىنلار ياقتۇرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر، كارتون، رەپ ناخشا دېگەندەك قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى دەۋر ۋە يېڭى ئىدىيەنىڭ مول مەزمۇنى ۋە زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئامما، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ نۇقتىسىدىن 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى بۇرچنى ھېس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر