باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تايلاندتا پىلنىڭ ساياھەتچىلەرنى دەسسىۋېتىش ۋەقەسىگە قارىتا، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تايلاند ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قايتا تەلەپ قىلدى

2017.12.25 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 23- چېسلا كەچتە مۇنداق دېدى: تايلاندنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چۇن بۇرى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك مېۋىلىك بېغىدا پىلنىڭ ساياھەتچىلەرنى دەسسىۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەلچىخانىمىز 22- چېسلا چۈشتىن كېيىن خادىملىرىمىزدىن ئادەم ئاجرىتىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا يارىدارلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئەلچىخانىمىزنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىق ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى، ھەمدە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەرتىپلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تايلان تەرەپنى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، بۇ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈندىدى.

  23- چېسلا (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن، ئەلچىخانىدا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۆمەك تەشكىللەش كوپىراتىپى ۋە يەرلىك ساياھەت كۈتىۋېلىش كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى، ھەمدە ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا لازىملىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ بېرىپ، ساقچىلار باش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە بېجىرىشىگە ماسلىشىپ بەردى، ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا جەسەتنى كۆرۈشىگە قوشۇلدى، ھەم شۇنداقلا ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئۇلارغا سەپلەپ بېرىلىدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ تىزىملىكىنى تەمىنلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يەنە ئۆمەك تەشكىللەش كوپىراتىپى ۋە يەرلىك ساياھەت كۈتىۋېلىش كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنىمۇ ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەلچىخانىمىز يەنە تايلاندنىڭ ساياھەت ئىدارىلىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرى قاتارلىق تارماقلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تېزدىن ۋە ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ، ئۆلگۈچى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا جاۋاب بېرىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر