باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو- موڭغۇلىيە- روسىيە ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشماقتا

2017.12.25 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ جۇڭگو- موڭغۇلىيە- روسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىق مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈردى. مەزكۇر لايىھەدە، 2020- يىلىغا بارغاندا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە- روسىيە ئىككى دۆلەتنى ئۇلايدىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسىپورت تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش پىلانلاندى.

  شىنجاڭنىڭ جۇڭگو- موڭغۇلىيە- روسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىياتى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پورت قۇرۇلۇشى ۋە تاموژنا، تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش: يەرلىك ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.

  بۇنىڭ ئىچىدە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈرۈمچى (جۇڭگو)- قوبدۇ (موڭغۇلىيە) - كۇراكىنو (روسىيە)نى تۇتاشتۇرىدىغان غەربىي تۆمۈريول كارىدورى، ھەمدە خونجىراپ (جۇڭگو)- قوبدۇ (موڭغۇلىيە) - يېڭى سىبىرىيە (روسىيە) ئاسىيا تاشيول تورى AH-4 لېنىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش ترانسپورت تورى بەرپا قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «جۇڭگو- موڭغۇلىيە- روسىيە ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو بىلەن روسىيە ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن قوشنا رايون بولۇش، پورتلارنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشى، كەسپلەرنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلىنىشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر